ئۆتكەن يىلى كۆپلىگەن يانفون سودىگەرلىرى ئاق رەڭلىك ئەقلىيفون بازارغا سالدى بۇلاردىن Motorola نىڭ Droid RAZR ۋە ئاق رەڭلىك Galaxy S II قاتارلىقلار بار. سامسۇڭنىڭ Galaxy بىر تۇتاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەزەلدىنلا رەڭلىك نۇسخىلىرى كەم بوپ باقمىغان Galaxy Note بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن ياخسى باھاغا ئېرىشتى شۇنىڭ بىلەن سامسۇڭ شىركىتى تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇپ Galaxy Note نىڭ ئاق رەڭلىك نۇسخىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بازارغا سالدى.تۆۋەندە Galaxy Note نىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر.

سامسۇڭ Galaxy Note قا 1.4GHz لىق قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ،1GBلىق RAM ۋە 16GB ياكى 32GBلىق ساقلاش سىغىمى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك سەپلىمىلەر سەپلەنگەندىن باشقا يەنە microSD كارتىدا سىغىمىنى چوڭايتقىلى بولىدىكەن.

Galaxy Note نىڭ كۆرسىتىش ئېكران يۈزىنىڭ چوڭلۇقى 5.3 سۇڭغا يېتىدىغان بولۇپ دەرىجىدىن تاشقىرى Super AMOLED ئېكران ، كۆرسىتىش ئۈنۈمى 1280X800،بۇ يانفوننىڭ قېلىنلىقى 9.65mm بولۇپ ئېلىپ يۈرۈشكە ناھايىتى ئەپلىك.

Galaxy Noteكە يەنە 8 مىليون پىكسىللىق تېلكامىرا LED يورۇتۇش چىرىقى قاتارلىقلار سەپلەنگەن ئىكەن.
|