ماقالىنى تېلېفوندا ئېچىش
APP چۈشۈرۈش
تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش كىرىش

سىز بىلمەيدىغان 21 تۈرلۈك سوغۇق بىلىم

چاقماق سەرەڭگىدىن بالدۇر ئىجاد قىلىنغان.ئالتۇن بېلىقنى قاراڭغۇ ئۆ...
 
 


چاقماق سەرەڭگىدىن بالدۇر ئىجاد قىلىنغان.

 

ئالتۇن بېلىقنى قاراڭغۇ ئۆيگە ئەكىرىپ قويسىڭىز ئۇنىڭ ئالتۇن رەڭگى بارغانسېرى سۇسلىشىپ كېتىدۇ.

 

قىزلارنىڭ ئاغرىق سېزىش ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى ئوغۇللارنىڭكىنى ئىككى قاتلايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارنىڭ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمۇ ئوغۇللارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك.

 

ئۆسۈملۈكلەر مۇزىكا ئاڭلىسا تېخىمۇ چاققان ئۆسىدۇ.

 

ئۆردەك تۇغۇلۇپ 10 مىنۇت ئىچىدە نېمىنى كۆرسە ئۆزىنىڭ ئاپىسى دەپ قالىدۇ.

 

تەتقىقاتچىلارنىڭ ئاشكارىلىشچە، ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسا چۈش كۆرۈش قېتىم سانىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

 

دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بىر كۆزىنى ئېچىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبى قاراڭغۇدا كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

 

كوكۇس دەرىخىدىن كوكۇس چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى لەھەڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ.

 

كۈلۈمسىرەشكە قارىغاندا قوشۇمىنى تۈرسە تېخىمۇ كۆپ ئېنىرگىيە خورايدۇ.

 

ئەگەر ماشىنىغا ئۇچالىسا ئاتموسفېرا سىرتقا چىقىش ئۈچۈن پەقەت بىر سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

 

كونسېرۋا ئېغىزىنى ئېچىش ئەسۋابى كونسېرۋا ئىجاد قىلىنىپ 48 يىلدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن.

 

كىت ناخشا ئېيتقاندا نوتىنى خاتا چىقىرىپ قويسا بىر ئۆمۈر يالغۇز قالىدۇ.

 

تۆگە قۇشنىڭ كۆزى مېڭىسىدىن چوڭ.

 

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن بۇرۇن تاماكا چېكىش ساغلاملىق ئۈچۈن دەپ قارىلىپ كەلگەن.

 

باھارلىق پادىشاھ قارتلىرىنىڭ ئىچىدە تاپان كارولنىڭ بۇرۇتى يوق.

 

1932-يىلى ئاۋسترالىيە ھەربىي ئەترىتى ئېمۇ قۇشىغا (ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى) جەڭ ئېلان قىلغان، نەتىجىدە ئېمۇ قۇشى ئۇتۇپ چىققان.

 

nintendo ئوسمان ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ياپونىيەدە بارلىققا كەلگەن. ئاساسلىق ئويۇنلىرى سۇپېر مارىيو (سەيموگو) قاتارلىقلار.

 

مەرمەر تاش رېزىنكە تاشتىن ئېگىز قاڭقىيدۇ.

 

دۇنيادىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئادەم قار كۆرۈپ باقمىغان.

 

تىكەنلىك ئىت زەنجىرىنى مىسىرلىقلار ئىجاد قىلغان، سەۋەبى ئىتنىڭ بوينىنى بۆرە چىشلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.

 

ئەل ئېھرامنى قۇللار سالمىغان، ئۇنى بىناكارلىق ئەترىتى مائاش ئېلىپ سالغان.


  • 2017-11-18
  • ھەمبەھىرلەش
    ساقلىۋېلىش
    پاش قىلىش