ماقالىنى تېلېفوندا ئېچىش
APP چۈشۈرۈش
تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش كىرىش

بىزبىر قېتىملىق سولياۋ بۇيۇملار ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيمىز

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇلياۋ بۇ...
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇلياۋ بۇيۇملار كۆپ ساندىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىگە مۇيەسسەر بولۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان تاماق قاچىسى، چوكا، قەغەز لۆڭگە، چىش پاستىسى..... قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ تۈرلىرى نۆۋەتتە يەنە كۈندىن–كۈنگە كۆپەيمەكتە. بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان سۇلياۋ بۇيۇملار گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق تەبىئىي بايلىق ئسراپچىلىقى ۋە كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

نۆۋەتتە بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئىستاكان تۇرمۇشنىڭ مۇھىم لازىمەتلىكى بولۇپ قالدى. ئائىلىلەردە مېھمان كۈتۈش بولسۇن ياكى سىرتلاردىكى ئولتۇرۇشلار بولسۇن كىشىلەر ئادەتتە بۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەغەز ئىستاكانلار قايتا ھاسىل بولىدىغان پولى ئېتىلېننى خام ئەشيا قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، بۇ خىل پولى ئېتىلېن قايتا ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا پارچىلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، بەدەنگە زىيانلىق بولغان خىمىيەلىك بىرىكمىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل بىر قېتىم ئىشلىتىدىغان قەغەز ئستاكانلارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىشلىتىلىپلا قالايمىقان تاشلىۋېتىلىشى مۇھىتقا نىسبەتەنمۇ بۇلغىنىش ئېلىپ كېلىدۇ. مىھمانخانىلاردىكى ئالتە كىچىك بۇلغىنىش، مەسىلەن چىش پاستىسى، چىش چوتكىسى، ساپما كەش، يۇيۇنۇش سۇيۇقلىقى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى، تارغاق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئومۇملاشتۇرۇپ مېھمانخانىلاردىكى ئالتە كىچىك بۇلغىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولىشىچە، مىھمانخانىلاردىكى بىر يۈرۈش بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ مىقدارى ئەمىلىيەتتە 150 گىرامغا يەتمەيدۇ، لىكىن بۇ خىل بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسىمى ئازراق ئىشلىتىلىپلا تاشلىۋېتىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا 500 مېھمانخانىدىكى ھەر يىلى تاشلىۋېتىلىدىغان مۇشۇ خىل مەھسۇلاتلار 2000 توننىغا يەتكەن. بۇ ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۇن مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى نەچچە مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. چۈنكى ئەخلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى سۇلياۋ بولغاچقا، تۇپراققا كۆمۈلگەندىن كېيىن ئىنتايىن تەستە پارچىلىنىدۇ ھەمدە شەھەرنىڭ يىڭى بۇلغىما مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، دۇنيادا نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە شەھەرلەردە بۇخىل بۇيۇملارنى ئىشلىتىش بارغانسىرى ئازايدى. نۇرغۇنلىغان مېھمانخانىلارمۇ قايتا دېزىنفىكسىيەلىگىلى بولىدىغان ئەينەك ئستاكانلارنى ئىشلەتمەكتە، نۇرغۇن شەھەرلەردىكى كىشلەر يەنىلا ئەنئەنىۋى قەلەملەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن. قارىماققا نەزەرگە ئىلىنمايدىغان سۇلياۋ بۇيۇملار بايلىق مەنبەسىگە نىسبەتەن ئسراپچىلىق بولۇپ، مۇھىت بۇلغاش دەرىجىسى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ، شۇڭا ئىقتىسادچىل جەمئىيەت قۇرۇشتا، بىر قېتىم ئشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئامال بار ئاز ئىشلىتىش بىر تەرەپتىن ئىكلوگىيەلىك مۇھىت قوغداشقا پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

  • 2017-10-28
  • ھەمبەھىرلەش
    ساقلىۋېلىش
    پاش قىلىش