ماقالىنى تېلېفوندا ئېچىش
APP چۈشۈرۈش
تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش كىرىش

ئىنسان قۇلىقى نۇرغۇن سىرغا تولغان مۆجىزە ئامبىرى

ئادەم بەدىنىنى بىر سىرلىق گۆھەر ئامبىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاددى...
 

ئادەم بەدىنىنى بىر سىرلىق گۆھەر ئامبىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاددىيسى ئىككى قۇلاققىمۇ نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان.

ئەرلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. 

بىر ساغلام ئادەمنىڭ قۇلىقى 400 نەچچە مىڭ خىل ئاۋازنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بىراق، بۇ ئىقتىدار جىنس ۋە ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەرلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئامېرىكا ئالىملىرى بىر تۈركۈم ئەر-ئايالنى تەكلىپ قىلىپ ئاڭلاشنى پەرقلەندۈرۈش سىنىقى قىلدى.

بۇ سىناقتا سىناققا قاتناشقانلاردىن ھەرقايسى تەرەپلەردىن كېلىۋاتقان ئادەتتىكى ئاۋازلارنى پەرقلەندۈرۈش تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئەرلەر %60 ئاۋازنى، ئاياللار %28نى پەرقلەندۈرەلىدى، قالغان %12 ئاۋازنى ئەر-ئاياللار ئوخشاش پەرقلەندۈرەلىدى. ئائىلە جابدۇقلىرىنىڭ ئاۋازىنى مىسال قىلىدىغان بولساق ئادەتتە كىشىلەر ئاياللار ئۆي ئىشلىرىنىكۆپرەك قىلىدىغان بولغاچقا ئائىلە جابدۇقلىرىدىن چىقىدىغان ئاۋازلارغا سەزگۈر بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. سىناققا قاتناشقان ئاياللاردىن پەقەت %16ىلا تەرەتداندىن چىققان ئاۋازنى پەرقلەندۈرەلىدى. بۇ ئاۋازنى پەرقلەندۈرەلىگەن ئەرلەرنىڭ نىسبىتى %40كە يەتتى؛ قازان-قومۇچلارنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلغان ئاۋازىنى %20 ئەر پەرقلەندۈرەلىدى، ئاياللاردىن بولسا پەقەت %4ىلا پەرقلەندۈرەلىدى؛ چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنىڭ ئاۋازىنى %94 ئەر، %75 ئايال پەرقلەندۈرەلىدى؛ بۇنىڭدىن باشقا، ئايلانما سىتېرېئولوق ئاۋازلارنى پەرقلەندۈرۈش جەھەتتىمۇ ئوخشاشلا ئەرلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 

سىناق ئارقىلىق يەنە ياشنىڭ ئاۋاز پەرقلەندۈرۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مەسىلەن، ئىشىك يېپىلغان ئاۋاز.

ئىشىك يېپىلغان ئاۋازنى 10 نەچچە ياش ئەتراپىدىكى ئۆسمۈرنىڭ %38ى پەرقلەندۈرەلىدى؛ بىراق، 40 ياشتىن ئاشقانلاردىن پەقەت %17ىلا پەرقلەندۈرەلىدى. بۇ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. 

سول قۇلاققا گەپ قىلسا بەكرەك تەسىر قىلىدۇ.

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سول قۇلاققا قىلىنغان گەپنىڭ تەسىرچانلىقى بەكرەك كۈچلۈك بولىدىكەن. ئامېرىكا خىيۇستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سىم ئەپەندى سول قۇلاققا گەپ قىلسا ئادەمنى تېخىمۇ ئاسان تەسىرلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئوڭ مېڭىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى سول قۇلاقنى ئوڭ مېڭە كونترول قىلىدۇ. ئالىملار سىناققا قاتناشقان 62 ئادەمنىڭ سول ۋە ئوڭ قۇلىقىغا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تاتلىق گەپلەرنى ۋە ئادەتتىكى گەپلەرنى قىلىپ باققاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئاڭلىغان سۆزلىرىنى يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە سول قۇلىقىغا دېيىلگەن گەپلەرنى ئەسلىيەلىگەنلەر نىسبىتى %64، ئوڭ قۇلىقىغا ئېيتىلغان سۆزلەرنى ئەسلىيەلىگەنلەر نىسبىتى %58 بولدى.

بىراق، ئوڭ قۇلاقنىڭمۇ ئەۋزەللىكى بار. يەنى ئوڭ قۇلاق ئاڭلىغان گەپلەر بەكرەك ئەستە تۇرىدۇ.

بۇ 59-44 ياش ئارىلىقىدىكىلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجە. سول قۇلاققا ئاڭلانغان گەپلەر ئوڭ مېڭىگە كىرىدۇ، ئوڭ قۇلاققا ئاڭلانغان گەپلەر سول مېڭىگە كىرىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ سول مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئوڭ مېڭىنىڭكدىن يۇقىرىراق بولىدۇ. شۇڭا ئوڭ قۇلاققا ئاڭلانغان گەپلەر بەكرەك ئەستە تۇرىدۇ.

قورقۇش تۇيغۇسى ئىچكى قۇلاقتىن پەيدا بولىدۇ.

تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم نۇرغۇن ئىشلاردىن قورقۇپ باققان. ئۇنداقتا، قورقۇش تۇيغۇسىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، قورقۇش ھەرگىزمۇ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىنسانلارنىڭ مېڭىسى ياكى يۈرىكىدە بولماستىن، بەلكى ئىچكى قۇلىقىدا بولىدىكەن.

نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى لېۋىنسون قورقۇش كېسىلى بولۇپ قالغان بىمارلارنىڭ %90ىدىكى مەسىلىنىڭ ئىچكى قۇلىقىدا كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىنسانلارنىڭ ئىچكى قۇلىقى كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، تەڭپۇڭلۇق سەزگۈسى، يۆنىلىش سەزگۈسى، چوڭقۇرلۇق سەزگۈسى، تەم سەزگۈسى ۋە جىددىيلىشىش دەرىجىسىنى كونترول قىلىدۇ ھەم تەڭشەيدۇ. ئىچكى قۇلاق «لىنىيەسى» بەك مۇرەككەپ بولغانلىقتىن، بەزىدە ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلسىمۇ قورقۇش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ.

قۇلاق مىدىرلىشىدىكى سىر:

دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ئىت-ياكى مۈشۈكلەرنى چاقىرغان ۋاقتىمىزدا قۇلاقلىرى دىڭ بولۇپ كېتىدۇ.

بەزى ئارتىسلار قۇلىقىنى مىدىرلىتالايدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ ئىقتىدار ھەممە ئادەمدە يوق. 

ئىلگىرى مەيلى ھايۋاناتلار بولسۇن، مەيلى ئىنسانلار بولسۇن ھەممىسىدە تاشقى قۇلاقنى مىدىرلىتىدىغان بىر مۇسكۇل بولغان، ھايۋاناتلار مۇشۇ مۇسكۇلىنى مىدىرلىتىش ئارقىلىق ئاۋاز دولقۇنىنى قوبۇل قىلغان. بىراق ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا بۇ ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، پەقەت قۇلىقىلا قالغان. شۇڭا كۆپ قىسىم كىشىلەر قۇلىقىنى مىدىرلىتالمايدۇ. 

قۇلاق سوغۇقتىن ئەڭ قورقىدۇ.

ئادەم بەدىنىكى قايسى ئەزالار سوغۇقتىن ئەڭ قورقىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابى قۇلاق. بۇنىڭدا مۇنداق 3 سەەۋب بار: بىرىنچى، قۇلاق ئىچىدە ئاخىرقى ئۇچ قىل قان تومۇرلىرى بار بولۇپ، ئىچىدىكى قاننىڭ مىقدارى ئاز بولغانلىقتىن ئىسسىقلىقىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەن بولىدۇ؛ ئىككىنچى، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىغا سېلىشتۇرغاندا كىچىك، بىراق، ئۇچرىشىدىغان دائىرە چوڭ بولغاچقا ئىسسىقلىق ئاسانلا سىرتقا تارقىلىپ كېتىدۇ؛ ئۈچىنچى، بەدەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى قېلىن «قىشلىق كىيىم» ئىچىدە بولىدۇ. بىراق، قۇلاقنىڭ بولمايدۇ، سوغۇق شامال چىققاندا قۇلاقتىكى ئىسسىقلىق ئاسانلا تارقاپ كېتىدۇ. بۇ قۇلاقنىڭ ئاسانلا ئۈششۈپ قېلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب. شۇڭا قىشتا قۇلاقنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، قۇلاقلىق تاقىۋېلىش كېرەك.

قۇلاقنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى:

قۇلاق چوڭ بولسا ياخشىمۇ، كىچىك بولسىمۇ؟ بۇ قىزىقارلىق سوئالنىڭ جاۋابىمۇ ئاخىرى ئېنىقلاندى. رۇسىيە ئالىملىرى كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىنىڭ قۇلاقنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، قۇلىقى چوڭ كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى ۋە ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تەتقىقات ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ قۇلىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بايقالدى. گەرچە بۇ پەرق ئارانلا 3-2 مىللىمېتىر بولسىمۇ، ئەمما ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ قايسى قىسىمىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان، شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تالانتىنى بايقايدىغان مۇھىم ئاساس. رۇسىيە قازان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مۇستاپا بۇ جەھەتتە ئىزدەنگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بايقىدى: قۇلىقى ئالاھىدە ئۇزۇن كىشىلەرنىڭ زىل پەنلەردە (مەسىلەن، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا)، قۇلىقى چوڭ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە كەسپ تاللىشىغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلارنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى بىلىمنى ئۆگىنىشىنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ شۇ پەنگە كېرەكلىك فىزىئولوگىيەلىك شارائىتىنىڭ يېتەرلىك ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. ناۋادا بالىلارنىڭ قۇلىقى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە سەنئەتكار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى بايقالسا ئۇنى ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە زورلىماسلىق كېرەك. ناۋادا ئاتا-ئانىلار چوقۇم شۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرسا ئۇلارنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئېچىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلغاندا تەبىئىي تالانتى بېسىلىپ قالىدۇ.

قورامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇلىقى چوڭلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇنراق بولىدۇ. «قۇلىقى چوڭ بولۇش بىر بەخت» دېگەن قاراش جۇڭگو، ياپونىيە ۋە چاۋشيەن قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن باشقا، يەنە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ تارقالغان. 

قۇلىقى چوڭلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشى قۇلاقنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. گەرچە ئىنسانلارنىڭمۇ باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتلارغا ئوخشاشلا پۇت-قوللىرى بىلەن ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشىدە پەرق بولسىمۇ، ئەمما قورامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۆسۈشتىن توختايدۇ. بىراق، قۇلاق بۇنىڭ سىرتىدا بولغانلىقتىن توختىماي ئۆسىدۇ، قۇلاق يۇمشىقىمۇ ئۇزىرايدۇ. شۇڭا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئۇزۇنراق بولىدۇ. بىراق، قۇلىقى چوڭلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كۆرمەسلىك مەسىلىسى تېخى ئىلمىي نۇقتىدىن ئىسپاتلانمىدى.

  • 2017-10-23
  • ھەمبەھىرلەش
    ساقلىۋېلىش
    پاش قىلىش