ماقالىنى تېلېفوندا ئېچىش
APP چۈشۈرۈش
تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش كىرىش

ئەسلى رەڭ قەغەز بىلەن ئاق قەغەزدىن قايسىسىنى ئىشلەتسە ياخشىراق؟

تېڭشۈن تورى 18-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:تازىلىق قەغىزى ت...

تېڭشۈن تورى 18-ئۆكتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تازىلىق قەغىزى تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر بۇيۇم. بوۋاق بالىلار بار ئۆيلەر تېخىمۇ كۆپ قەغەزگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان سارغۇچ ئەسلى رەڭ تۇرمۇش قەغەزلىرى ئاق تازىلىق قەغەزلىرىگە «جەڭ ئېلان قىلىش»قا باشلىدى.

ئاقارتىلمىغان قەغەز سۈپەتلىك بولىدۇ.

ئەسلى رەڭ قەغەزدە ئاقارتقۇچ، فىلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ قالدۇقى يوق. ئاق قەغەزلەردە ئاقارتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دىئوكسىن قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ قالدۇقى قالىدۇ.

تەپسىلىي كۆزەتسەك نۇرغۇن ئائىلىلەر ئەسلى رەڭ قەغەزگە يۈرۈش قىلغانلىقىنى بايقايمىز. بولۇپمۇ ئانىلار ئۇ قەغەزلەرنى ئاقارتقۇچ قوشۇلمىغان، مۇھىت ئاسرايدۇ دېگەن قاراش بىلەن كۆپلەپ ئىشلەتمەكتە. ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى تاللا بازارلىرىنىڭ مال جازىلىرىمۇ ئەسلى رەڭ قەغەزلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. بەزى ماركىدىكى قەغەزلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىدە تەبىئىي بامبۇك بوتقىسى ئىشلىتىلگەنلىكى، ھەتتا يەۋەتسىمۇ ئەكس تەسىرى يوقلۇقى، بەزىلىرىدە چاڭ-توزان يوقىتىپ، مۇھىت ئاسرايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

بىر تاللا بازىرىنىڭ خادىمى گەرچە ئەسلى رەڭ قەغەزنىڭ باھاسى ئاق قەغەزدىن 3-2 ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما سېتىلىشى خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. شەھەر ئاھالىسى خې خۈي ئەسلى رەڭ قەغەزنىڭ مىكروب ئۆلتۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى تىزگىنلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئاتايىن بوۋىقىغا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرغۇن مېھمانخانىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن مۇشۇ مەھسۇلاتقا يۈرۈش قىلىپ، «خېرىدارلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەمدە مۇھىت ئاسرايدىغانلىقىنى» نامايان قىلدى. مەلۇم بىر زەنجىرسىمان مېھمانخانىنىڭ ۋۇخەندىكى تارماق دۇكىنىدىمۇ يېقىندا تىجارەت باشلىنىدىغان بولۇپ، ئاللىبۇرۇن ئەسلى رەڭ قەغەز ئىشلىتىشنى بېكىتىپ بولغان.

بىر شىركەتتىكىلەر: «ئەسلى رەڭ قەغەزلەرنىڭ تەخمىنەن ئىككى يىللار ئىلگىرى ۋۇخەن بازارلىرىغا كىرگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا پەقەت 2-1 خىللا ماركىسى بار ئىدى؛ بۇ يىل 3-ئايدا مەملىكەتلىك تۇرمۇش قەغىزى كۆرگەزمىسى ئېچىلغاندىن كېيىن 10 نەچچە خىل ماركىدىكى ئەسلى رەڭ قەغەز ئارقا-ئارقىدىن ۋۇخەن بازىرىغا كىردى. گەرچە ھازىر ئەسلى رەڭ قەغەزلەرنىڭ سېتىلىشى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما يوشۇرۇن تەرەققىيات كۈچى يەنىلا زور. ئاق قەغەزلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 ھەسسىگە يېقىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئاق قەغەز ئىشلىتىپ كېلىۋاتقانلاردا ئىككى خىل قەغەزنىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقى توغرىسىدا قايمۇقۇش پەيدا قىلىپ قويدى.

ئەسلى رەڭ قەغەز ئاقارتىلمايدۇ.

خۇبېي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى قەغەز بوتقىسى ياساش قۇرۇلۇش ئىنىستىتوتىنىڭ باشلىقى شيې يىمىن تونۇشتۇرۇپ: «قەغەز بوتقىسى ياساشتا ئاۋۋال ياغاچ، بامبۇك قاتارلىق خام ماتېرىياللارنى پىشۇرۇۋېلىپ ياغاچ رەڭ بوتقا ھاسىل قىلىنىدۇ. بىراق، ئاق قەغەز بىلەن ئەسلى رەڭ قەغەز ياساش تېخنىكىسى ئوخشاش بولمايدۇ» دېدى.

بىرىنچى، ئاق قەغەز ئىشلەپچىقىرىشتا ياغاچ بوتقىسىغا ئاقارتىش بوتقىسى قوشۇلغاندىن كېيىن يۇيۇپ، قۇرۇتۇلىدۇ؛ ئەسلى رەڭ قەغەز ئىشلەپچىقىرىشتا ئاقارتىلماي قەغەز بوتقىسى بىۋاستە يۇيۇپ قۇرۇتىلىدۇ.

ئىككىنچى، ئەسلى رەڭ قەغەزگە قوشۇلىدىغان يۇمشاتقۇچ ۋە نەملىك كۈچەيتكۈچ كۆپرەك بولىدۇ.

شيې يىمىن يەنە: «ئاقارتقاندا خىلورلۇق بىرىكمە ماددا ئىشلىتىلىدۇ. گەرچە كېيىنكى ئىش باسقۇچلىرىدا قايتا-قايتا يۇيۇلسىمۇ، ئەمما قالدۇق قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئاقارتىلمىغان قەغەز بوتقىسى تەركىبىدە لىگنىن مىقدارى كۆپرەك بولىدۇ، قۇرۇتۇلغان قەغەز قاتتىقراق بولىدۇ. شۇڭا ئاق قەغەزگە سېلىنغاندىن كۆپرەك يۇمشاتقۇچ ۋە نەملىك كۈچەيتكۈچ ئىشلىتىلىدۇ.

شيې يىمىن: «ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاقارتىلمىغان قەغەز بوتقىسى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددىنىڭ مىقدارى يەنىلا ئاز بولىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ئەسلى رەڭ قەغەزلەرنى مۇھىت ئاسراشقا بەكرەك پايدىلىق دەپ قارايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

كەسپىي ساھەدىكى زاتلار: «توردا <ئاقارتىلغان قەغەزلەر راك پەيدا قىلىدۇ، بوۋاقلار ۋە بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ> دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەر تارقالدى. بۇ ئايرىم ساندىكى ئەسلى رەڭ قەغەز ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ناتوغرا رىقابەت ئۇسۇلى» دېدى.

خۇبېي ئۆلكىلىك قەغەزچىلىك جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دۈن جىچياڭ مۇنداق دېدى: «قەغەزلەردە قالىدىغان خىلور تەركىبلىك خىمىيەلىك ماددىنىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدۇ، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، فىلۇئورېستسېنلىق ئاقارتقۇچى رېئاكتىۋلارنى دۆلەت خېلى بۇرۇنلا چەكلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت زىيانلىق ماددىلارنىڭ قالدۇقىغا نىسبەتەنمۇ ئۆلچەم بېكىتكەن، قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنچىلىك، چوڭ كارخانىلارنىڭ قەغەزلىرىنى ئېلىپ ئىشلەتسە سۈپەت ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېدى.

تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى تونۇشتۇرۇپ، ئەسلى رەڭ قەغەزلەر يىرىك، قوپال ئىكەنلىكى، بالىلارنىڭ تېرىسى ناھايىتى يۇمشاق ۋە يۇمران بولغاچقا دىققەت قىلمىسا ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىدىغانلىقى، شۇڭا ئەسلى رەڭ قەغەزلەرنى قارىغۇلاچە ئىشلىتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

دېمەك، مەيلى قايسى خىل قەغەز بولسۇن، ئۆلچەملىك ۋە سۈپەتلىك بولغىنى ئەڭ ياخشى.


  • 2017-10-20
  • ھەمبەھىرلەش
    ساقلىۋېلىش
    پاش قىلىش