ماقالىنى تېلېفوندا ئېچىش
APP چۈشۈرۈش
تېخىمۇ كۆپ قايتۇرۇش كىرىش

دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە رېكورتلار

ئادەمنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇخلىماسلىق رېكورتى، ئامېرىكا لوس-ئانژېلېس شەھ...

ئادەمنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئۇخلىماسلىق رېكورتى، ئامېرىكا لوس-ئانژېلېس شەھىرىدىكى 28 ياشلىق فوتوگراف تايلور شېرىز 2010-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ناھايىتى خەتەرلىك بولغان، بەدەننىڭ چىدامچانلىقىنى سىنايدىغان رىقابەت ئېلان قىلغان، يەنى ئۇدا 40 كۈن ئۇخلىماسلىق دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.

ئادەمنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت يۇيۇنماسلىق رېكورتى: ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى فارس ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا 80 ياشلىق بوۋاي ھاجى 60 يىل يۇيۇنمىغان بولۇپ، ھىندىستانلىق 38 يىل يۇيۇنمىغان ئەرنىڭ رېكورتىنى بۇزۇۋەتكەن.

ئىچ كىيىمنىڭ تاسمىسىنى ئەڭ تېز ئاچىدىغان ئادەم، ھازىرغىچە بۇ دۇنيا رېكورتىنى 1 مىنۇت ئىچىدە 69 ئىچ كىيىم ئىلغۇچىنى ئاچقان كىشى ئالغان. بۇنىڭ ئۆلچىمى بىرىنچى ئىچ كىيىمنىڭ تاسمىسىنى پۈتۈنلەي ئېچىپ بولغاندا يەنە بىرنى ئېچىش ئىكەن.

بىر مىنۇتتا 134 قېتىم ئۆزىنىڭ بېشىغا تەپكەن ئەر، 2013-يىلى ئامېرىكىلىق Joel Leindecker كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ياراتقان 127 قېتىملىق رېكورتنى پۇسكار 134 قېتىملىق بىلەن يېڭىلىغان.

ئاتقا ئۆزىنى سۆرەتكەن ئەر، ۋېنگىرىيەلىك ئەر halappi roler بىر ئات بىلەن ئۆزىنى خېلى ئۇزۇن يەرگىچە سۆرەتكۈزگەن، يەنە تېخى بەدىنىگە ئوت قويۇۋالغان! 2008-يىلى ئۇ بىر ئېتىز يولىدا 472 مېتىرگىچە سۆرىلىپ بېرىپ رېكورت ياراتقان.

  • 2017-08-29
  • ھەمبەھىرلەش
    ساقلىۋېلىش
    پاش قىلىش