شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو تېلىۋېزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتېرى <<مىليون گۈل >>فىلىمىنىڭ رېجىسسورى ۋە باش رولچىسى ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندىم 2012-يىلنىڭ بېشىدىلا شىنجاڭ <<رومانتىك>>خەلقارا ساياھەت شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن تۈركىيەگە بېرىپ كىنو فىلىم سەنئىتىدە ئۇيغۇر كىنوچىلىغىدىن كۆپ ئىلغار بولغان شۇنداقلا خەلقىمىز ياختۇرۇپ كۆرىۋاتقان بۆرىلەرۋادىسى فېلىمىنى ئىشلەۋاتقان تۈركىيە فانا فىلىم شىركىتىنىڭ مەسئۇلى خەلقارالىق چولپان نىجاتى شاشماز(پولات ئالەمدار)ئەپەندىم بىلەن كورۇشتى،زىيارەت جەريانىدا كەسپىي تېخنىكا جەھەتلەردە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كىنو فىلىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق كىنو فىلىم ساھەسەدە كەسپىي ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش جەھەتلەردىكى سۆھبەتلەردە بولدى.

ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندىم بىلەن نىجاتىي شاشماز(پولات ئالەمدار)ئەپەندىم

ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندىم Fana فىلىم شىركىتىدە

ئابلىز ئابدۇرىشىت ئەپەندىم بىلەن نىجاتى شاشماز(پولات ئالەمدار)ئەپەندىم مىليون گۈل فىلىمى ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىمى ئۈستىدە سۆھبەتتە


ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندىم بۆرىلەر ۋادىسى توزاق 147 - قىسىمنىڭ ئىشلىنىش نەق مەيدانىدا

ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندىم بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىنىڭ رېجىسسور بىلەن بىللە

ئابلىز ئابدۇرېشىت ئەپەندى ۋە سولدىكى كەنئان چوپان(ئابدۇلھەي)ئوڭدىكى گۈللى ئېرھانلار بىلەن بىللە
بۇ ئىككەيلەننىڭ بىر يەرگە كەلگىنى بىر ياخشى باشلىنىش،بىز بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئورتاق ھالدا تېخىمۇ ياخشى كىنولارنى ئىشلەپ بىزگە تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
مەنبە:ھۆرىيەت تورى (ئادرېس:http://www.horiyat.com/portal.php?mod=view&aid=9) |